مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كومپارتىيە ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

2020.02.19 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  مەرد مەيداندا سىنىلار، ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا تاۋلىنار. ئەلپازى ۋەھشىي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى، قەيەردە ۋەزىپە مۈشكۈل بولسا پارتىيە تەشكىلاتى شۇ يەردە خىزمەتلەرنى كۈچلۈك ئىشلىدى، پارتىيە ئەزالىرى شۇ يەردە ئاۋانگارت، ئۈلگە بولدى. بىز بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كومپارتىيە ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى بولۇپ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چوقۇم خەلق مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ۋاقتىدا چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشتىكى سىناق تېشى ۋە بىلەي تېشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ