مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قوش غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەيلى

2020.02.13 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ھەم يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ۋەزىپە.

  2-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قوش غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز ھەم «14-بەش يىل»لىق تەرەققىيات ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئۇشتۇمتۇت كەلگەن يۇقۇم نۇرغۇن ساھە ۋە كارخانىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. لېكىن شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئومۇميۈزلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، ئۈنۈمى گەۋدىلەنمەكتە. ۋەزىيەتنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلساق، بىز بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نىشان-ۋەزىپىلەردە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملىشىمىز، كەينىگە سۈرۈش، ساقلاپ تۇرۇش ئويىدا بولماسلىقىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ