مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ

2020.02.12 16:12 مەنبە: خەلق تورى

  خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مۇھىمنىڭ مۇھىمىدۇر، ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشى، خۇبېينى قوغداش ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك.

  «ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ». 2-ئاينىڭ 10- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا، دىتەن دوختۇرخانىسى يىراقتىن داۋالاش مەركىزىدە سىن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خۇبېي بىلەن ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم جاي ئىكەنلىكىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى، نۆۋەتتە خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەكلىكىنى گەۋدىلىك تەكىتلىدى ھەمدە خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزى، ئېنىق تەلىپى بىزنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ تېببى خادىملار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى ۋە ھەر قايسى سەپلەردىكى يولداشلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئىككى قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش دەپ بىلىشنى تەكىتلىدى ھەمدە خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى ۋۇخەنگە ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنىڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى. بۇ قېتىم بېيجىڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ۋۇخەندىكى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكىلەر بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى داۋالاش خىزمەتچىلىرى ۋە كەڭ كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. خۇبېي، بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە زور تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ