مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە مەركەزلەشتۈرگۈزەيلى

2020.02.07 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  ئاساسىي قاتلام ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ‐‐‐ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تارقىلىش، يامرىشىنى توسۇشنىڭ ئاچقۇچى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاساسىي قاتلام ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچ. ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يەڭگىل جابدۇندۇرۇپ، سەپەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندۇرۇش، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېيىنكى قەدەملىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىدىغان قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بەزى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش-ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  «يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە». بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان رايون، ناھىيە، كوچا-بازار، شەھەر-يېزا، مەھەللە قاتارلىق مۇداپىئە تورىنى قۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرۇشتىن تارتىپ يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكىچە كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، جاپالىق، مۈشكۈل بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئالدىدا، بەزى جايلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغىنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا تۈرلۈك جەدۋەللەرنى تەكرار تولدۇرغۇزۇش بولدى. بەزى جايلاردىكى شەھەر، ناھىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق ئىدارىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مائارىپ ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ھەرقايسىسى بىر ياكى بىرقانچە جەدۋەل تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن تولدۇرۇشنى ھەم دەرھال مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ جەدۋەللەرنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن بىرەر ھۆججەت، بىرەر تارماقمۇ ئاساسىي قاتلام جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەتتا بىر ماسكا، بىر دېزىنفېكسىيە سۈيى مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىشقا ياردەم بەرمىدى، يەنە ھەرخىل كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈش، تەكرار تەكشۈرۈش، توپلىشىپ تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ، زېھنىنى چاچتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ