مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2020.02.05 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  «ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن كۈچ سىنىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلار كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ مۇھىم، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، داۋالاش سېپىدىكى نۇرغۇن خىزمەتچى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرماقتا.

  خۇبېي ئۆلكىسى جيايۈ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئوپىراتسىيەخانىسىنىڭ سېستىراسى دۇ چيۇڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە ئۇدا نەچچە كۈن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ يولدىشى توك بىلەن تەمىنلەش ئىشچىسى بولۇپ، دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى سىم يولىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۆز ئۇسۇلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش __ خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بىز يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ زور كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك». دۇ چيۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، بىرىنچى سەپتە داۋاملىق ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل بىلەن ئېلىشىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ