مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

2020.02.03 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  ئىتتىپاقلىق تۆمۈردۇر، ئىتتىپاقلىق پولاتتۇر، ئىتتىپاقلىق كۈچتۇر. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەرلەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش بۇ يەكۈننى چوڭقۇر ئىسپاتلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلمىي يوسۇندا ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى بۇ قېتىمقى جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىزنى تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا تاسادىپىي پەۋقۇلئاددە جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشىمىزدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى قايتا مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەمدە قايتا سەپەرۋەر قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان رايونلارغا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئالاقىدار جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى. بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كونترول قىلىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشتىن ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشقىچە، ئاندىن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سىپىدە جەۋلان قىلدۇرۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ