مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىكى

−− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.01.15 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇلۇغ ئىشلارغا چوقۇم كۈچلۈك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش شەرت.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن «نېمىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» تىن ئىبارەت زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئومۇمىيەتنى ئىگىلىگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي، ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر پەيدا قىلدى. بىز پارتىيەنى قەتئىي قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق؛ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆگىنىش- تەربىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن ھالقىيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ھوقۇق نازارەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام-قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ يول، بۇ تۈزۈمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ