مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

−− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2020.01.15 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  2019- يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، بىر پارچە مۇھىم دوكلات −«شەكىلۋازلىق گەۋدىلىك بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

  «رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ، شەكىلۋازلىق گەۋدىلىك بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىشى ھازىر ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى»، «ھۆججەت ۋە يىغىننى ئىخچاملاش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق قاتتىق تەدبىرلەر بىرقەدەر ياخشى ئەمەلىيلەشتى، ئاساسىي قاتلامدا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى بارلىققا كەلدى»، "ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ روھىي ھالىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى»، «يۈكى يېنىكلىتىلىپ، رەھبەر پەيدا قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى....»

  بىر قاتار پۇختا ۋە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى مول نەتىجىلىرىنى، يەنى شەكىلۋازلىق گەۋدىلىك بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنىڭ مول نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى .

  2019- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ ھالقىلىق يىلى، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى».

  بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىقنى تۈزەش ۋە بيۇروكراتلىققا ھۇجۇم قىلىشتا، بىر مەيدان ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ