مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

-- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋەئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.01.14 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈزۈم قۇرۇلۇشى تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىق، مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە، تۈزۈم ئەۋزەللىكى بولسا، بىر پارتىيە ۋە بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىدۇر. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، پارتىيە ئىچىدىكى تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش» لازىملىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەكىتلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن، ئۇنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدە مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ۋە پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان ۋە ئىلمىي قېلىپلاشقان، ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى ئاساسىي تېما تەربىيەسى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى. لېكىن، ئاممىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى، بۇ ئەجەبا يەنىلا «بىر مەزگىللىك شامال، يەرنىڭ يامغۇر توختىغاندىن كېيىنكى نەم بولۇشى» مىدۇ؟ دېگەن مەسىلە. ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى،بۇ خىل ئاساسىي تېما تەربىيەسى بىر دائىملىق پائالىيەت ھالىتىنى ساقلىسا ئىكەن، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. شۇ ئارقىلىق، بۇ جەھەتتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش. ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى تاماملاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدىكى تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تۈزۈمىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ سادىق ۋە پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىيپەزىلىتىنى قەتئىي بوشاشماي تاۋلاش» تەكىتلەندى. قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشتا، ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىش، ھەم ئاددىي ۋە قولايلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ۋە ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسىلىنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگكۈزۈش؛ ھەم نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ ھەم تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ھەم ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈملەر بىلەن يۇغۇرۇپ، چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچىلىك، قاراتمىلىق ۋە مەشغۇلاتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرگەندىلا، ئاندىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئىلمىي ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ