مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مىللەتنىڭ قەددىنى تېخىمۇ رۇسلىدى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن

2020.01.02 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  ۋەتەننى سۆيۈش __ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان تومۇرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.

  «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن كۆزلىرىمىز ياشقا تولدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مىللەتنىڭ قەددىنى تېخىمۇ رۇسلىدى.» 2020-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى چوڭقۇر ئەسلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا قىزغىن مەدھىيە ئوقۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ دەۋر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر يېشىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىققا تولغان بولۇپ، شەرەپ ۋە ئارزۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىزنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىمىز، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، بىزنى يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ دېگەنگە ئوخشاش، 2019-يىلىدا ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش بولدى. ھەربىي پارات چاسا ئەترەتلىرىنىڭ جاسارىتى پەلەككە يەتتى، ئامما نامايىشى قايناق ھېسسىياتقا تولدى، تيەنئەنمېن مەيدانى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب-شىمالى قىزىل لىباستىن تون كىيدى، كىشىلەر چېھرىدە ئىپتىخارلىق تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى. «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» چوڭ-كىچىك كوچىلاردا تارقىلىپ ئېيتىلدى. بىز جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالقىش ياڭراتتۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ كۈچلۈك يادرولۇق كۈچىدىن لەرزىگە كەلدۇق، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبى مىسلىسىز مۇجەسسەملىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى مىسلىسىز يۇقىرى بولۇپ، يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەش، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش دولقۇنىغا مۇجەسسەملىنىپ، بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشىمىز ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ