مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش لازىم

2019.12.23 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  پۇقراۋى ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچتۇر.

  يېقىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل فاڭجېنى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى كارخانىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئېلىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى زورىيىدۇ، ئاجىزلاشمايدۇ»، «پۇقراۋى ئىگىلىك ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى قوللاش كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى. بۇ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى خاتىرجەم بولۇش، تەرەققىياتنى خاتىرجەم كۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ مېڭىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. (تولۇق تېكىستى ئۇلانمىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ