مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.12.17 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  ئىدىيە − ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى، مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكلىنىدۇ؛ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقى تۈپتىن ئېيتقاندا تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ.

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا 2020-يىلى چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردە تەرەققىياتنى تۇتۇشتا تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى چوقۇم چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

  «قائىدە ماددىنىڭ ئاساسى، قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا توغرا بولىدۇ». يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى-تاشقى تەرەققىيات تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئىچكى- تاشقى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق؛ رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى؛ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم قەدەم تاشلاندى، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سىياسەت- تەدبىرلىرى زىچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىيات __ ماس تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش ئاساسىدىكى تەرەققىيات، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. يېڭى دەۋردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ