مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەدەپ قوش ئۆلچەم قوللىنىشى كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ

2019.12.06 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى سەۋەبسىز ئەيىبلىدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. بۇ ساختا ئەپت-بەشىرىسى، زومىگەرلىكى بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان بولۇپ، تۈرلۈك سۇيىقەست ۋە خام خىياللار بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا پارلامېنتى شىنجاڭنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرمەسكە سېلىپلا قالماي، ئەكسىچە پاكىت ئويدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىدىكى ھەققانىي ھەرىكىتىگە قارا چاپلىدى. بۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى تىپىك قوش ئۆلچەم بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ساختا ئەپت-بەشىرىسى تولۇق ئاشكارىلاندى.

  ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە «ماس كەلسە ئىشلىتىش، ماس كەلمىسە ۋاز كېچىش»تىن ئىبارەت قوش ئۆلچەمگە ئاللىقاچان كۆنۈپ قالغان. ئامېرىكا ئىنسانىي ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئافغانىستان، ئىراق، لىۋىيە، سۇرىيە قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇرۇش ئوتى يېقىپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئاممىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى، نۇرغۇن مۇساپىرلار سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈردى، لېكىن جۇڭگو شىنجاڭدا مائارىپ-تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قىلمىشىنى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلىدى، يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلدى، بۇ قانداق قائىدە، قانداق لوگىكا؟ ئامېرىكىنىڭ بۇنداق يولسىز قوش ئۆلچىمى پەقەت بارلىق ئادىل قەلب ۋە ۋىجدانى بار كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ