مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەرقانداق كىشىنىڭ تېررورلۇق كۈچلىرىگە يان تاياق بولۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ

2019.12.05 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇقى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن بوھتان چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا ھەدەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، پاكىتنى كۆزگە ئىلماي ئاق-قارىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.

  ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ھەرگىز ئىنسانىي ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئىنتايىن غالجىرلىشىپ، نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى (ھادىسىسى) چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. بۇنداق ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار كۆرمەسكە، ئاڭلىماسقا سالدى. ھازىرقى شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تۈرلۈك ھوقۇق- مەنپەئەتلەر قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى تارىختىن بۇيانقى ھەرقانداق مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە تۆھمەت چاپلىدى. ئۇلار ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۆلچىمىدە قوش ئۆلچەمنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىگە ئېغىر خىلاپ رەزىل بىر تەرەپتە تۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە يول قويدى، قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇقى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىشى ئۇلارنىڭ يامان نىيىتى، ئۇچچىغا چىققان رەزىللىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ