مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭنى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش قورالى قىلىش خام خىيالدۇر

− «شياڭگاڭ قارتىسى»نى ئېتىش ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ

2019.12.03 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكىدىكى قىسمەن سىياسەتۋازلارغا نىسبەتەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى دەپسەندە قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇپ، ئۇنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى دۇنيا خەلقىگە ئۇلارنىڭ زومىگەر ئەپت-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، بەخت-سائادىتىنى كۆزگە ئىلماي، شياڭگاڭنى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش قورالى قىلىشتەك رەزىل سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇتتى.

  شياڭگاڭدا نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى قىسمەن سىياسەتۋازلار شياڭگاڭ ئىشلىرى توغرىسىدا توختىماي غودۇراپ، يالغان «ئىنسانىي ھوقۇق»، «دېموكراتىيە» نامىدا ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى. كۆپ قېتىم زورلۇقنى پەردازلاپ كۆرسىتىدىغان، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان بىمەنە سۆزلەرنى ئېلان قىلىشتىن، كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىغا قاتنىشىپ ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاشقىچە، ئاندىن يەنە نومۇسسىزلىق بىلەن قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ ئۇنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشقىچە بولغان ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتەك رەزىل قىلمىشى شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» بولۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇ 7 مىليوندىن ئارتۇق شياڭگاڭ ئاممىسى بىلەنلا ئەمەس، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بىلەن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئادالىتى، خەلقئارا ئاساسىي مىزان بىلەن قارشىلاشقانلىق بولۇپ، جەزمەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.

  زور پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرى بىلەن شياڭگاڭدىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ زىچ تىل بىرىكتۈرۈشى شياڭگاڭدا توختىماي توپىلاڭ يۈز بېرىشنىڭ ئاساسلىق ئىتتىرگۈچىسىدۇر. ئامېرىكىدىكى قىسمەن سىياسەتۋازلار «ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە» تونىغا ئورۇنىۋېلىپ، يامان نىيەت بىلەن شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سودا، سۇ تىرانسپورتى مەركىزىي ئورنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق، توپىلاڭنى توختىتىدىغان ھەققانىي زاتلارغا ھەيۋە قىلىپ، شياڭگاڭدىكى زوراۋان جىنايەتچىلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق «چېكىنىش يولى» ھازىرلاپ بەردى. ئۇلار شياڭگاڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى گۈللىنىش، مۇقىملىقنى نەزەرگە ئالماي، جان-ئەھلى بىلەن شياڭگاڭدا بىر مەيدان شياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى «رەڭلىك ئىنقىلاب»قا رېژىسسورلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ «ئىنسانىي ھوقۇق»، «دېموكراتىيە»نى قوغداشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىكى ئەمەلىيەتتە زوراۋان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى «پاناھگاھ» بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بولۇپ، مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقنى توسۇپ، قالايمىقانچىلىقنى چەكلىشىگە «توسالغۇ» بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەرتىپىنى قوغدايدىغان ھەققانىي زاتلارغا «تەھدىت خېتى» ئەۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ