مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توپىلاڭ پەيدا قىلىشقا قۇتراتقانلار جەزمەن لەنەتكە قالىدۇ

− كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ

2019.12.02 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىك قانۇن لايىھەسى»گە قول قويۇپ قانۇنلاشتۇرۇشى پاكىتقا پىسەنت قىلماي، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاشكارا ھالدا زوراۋان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، جىددىي ھالدا زوراۋانلىقنى توسۇپ قالايمىقانچىلىقنى چەكلەش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك شياڭگاڭ ۋزىيىتىگە قەستەن ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقانلىقىدۇر. ئامېرىكىدىكى قىسمەن سىياسەتۋازلارنىڭ بۇ خىل تەتۈر ھەرىكىتى شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ، دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيەتچى، زوراۋان، زومىگەر ئەپت-بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ.

  بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن جىنايى قىلمىشى ھەرگىز قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ يان بېسىپ قانات ئاسىتىغا ئېلىشى بىلەنلا گۈزەللەشمەيدۇ ياكى يوشۇرۇنۇپ قالمايدۇ. زوراۋان جىنايەتچى ئۇنسۇرلار قانۇنسىز يىغىلىپ، تەشكىللىك ھالدا قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، سودا ساراي، بانكا، مەكتەپلەرگە ئوت قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى زاتلارغا تەپ تارتماي زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلدى، ھەتتا بىگۇناھ ئاممىنى يارىلاندۇردى. ھەر خىل رەزىللىكلەر كىشىنى چۆچۈتىپ، غەزەپلەندۈرىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.

  قانۇنچىللىقنى بۇزىدىغان، ئامانلىقنى بۇزىدىغان بۇ جىنايى قىلمىشلار روشەن تېررورىزم خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، شياڭگاڭدىن ئىبارەت ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر شەھەرنىڭ بىرى بولغان جاينى بېنزىن بومبىلىرى ئۇچۇپ، ئوت پەلەككە يېتىدىغان جايغا، ئەسلىدە تەلىم- تەربىيە بېرىپ، بىلمىگەننى بىلدۈرىدىغان مەكتەپ قوينىنى توپىلاڭچىلار ئىشغال قىلىپ، قاتىللىق قورالى ياسايدىغان جايغا ئايلاندۇرۇپ، كەڭ شياڭگاڭ ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇق- مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرز قىلدى. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، توپىلاڭچىلار شياڭگاڭدىكى 460تىن ئارتۇق قاتناش چىرىغىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 46 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق رىشاتكىنى چۇۋۇپ، تەخمىنەن 2900 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان پىيادىلەر يولىدىكى خىشنى چېقىۋەتكەن. شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك 145 مېترو بېكىتى ۋە ئەپچىل ۋوگزاللارنى بۇزۇپ، ۋوگزال ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر زور دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، كىرىپ-چىقىش ئېغىزى تەخمىنەن 1600 قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ۋوگزال ئىچىدىكى يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە كامېراسى 1100 قېتىم ۋەيران بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا 300دىن ئارتۇق مەخسۇس ئاپتوبوس لىنىيەسى، 300دىن ئارتۇق مەخسۇس لىنىيەلىك كىچىك ئاپتوبوس لىنىيەسى ۋە بارلىق ترامۋاي لىنىيەلىرى يولنى قامال قىلىش، توپىلاڭ كۆتۈرۈش ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن يولنى ئۆزگەرتىشكە ياكى يۈرۈشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ... ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» تور پونكىتىنىڭ ماقالىسىدە توپىلاڭنىڭ دەرىجىسى ئېشىپ، شياڭگاڭ چوڭقۇر ھاڭغا پېتىپ قالدى، دېيىلگەن. ھەتتا بەزى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ شياڭگاڭ نامايىشچىلىرىنىڭ «بارغانسېرى زوراۋانلاشقانلىقى ۋە بەتبەشىرە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى»نى ئېتىراپ قىلغان. «توپىلاڭ شياڭگاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمىئىيەتنى ئىدارە قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى»، «شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلار تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولماستىن بەلكى يۇرت ماكاننى بۇزۇشتۇر»، «دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت بۇ خىل زورلۇق بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چىداپ تۇرالمايدۇ» ... خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زاتلار قاتتىق نەپرەتلىنىپ، زورلۇق جىنايىتىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا بولغان غەزىپىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ