مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.10.28 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  «يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تېزىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ___ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. «تېزىس»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاقنى ھۆرمەتلەش، ئەخلاققا رىئايە قىلىش، ئالىيجاناب ئەخلاقنى قوغلىشىش ئادەتكە ئايلىنىپ، قەھرىمانلارنى قەدىرلەش، نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش كەيپىياتى قويۇق بولۇپ، ئەخلاق ساھەسىدە ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرىغا ئۆرلەشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ يىللىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننى سۆيىدىغان قىزغىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، پۈتۈن جەمئىيەت بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىلگىرىلەپ، مىللىي ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى. زامانىمىزدىكى جۇڭگو مول ئەخلاق بايلىقى توپلىدى، بۇ بىزنىڭ يېڭى دەۋردە پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ