مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالاقە تورى ئىنسانلارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت ئاتا قىلغاي

_ _ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 6- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا يازغان تەبرىك خېتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2019.10.21 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  ئالاقە تورىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئالاقە تورىنى ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت ئاتا قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر. 10- ئاينىڭ 20- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى جېجياڭنىڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، ئۇ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەرقايسى دۆلەتلەر دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تەرەققىيات مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، تور بوشلۇقىنى يەر شارى بويىچە تۈزەشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە ئالاقە تورى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ چوڭقۇر كۆزىتىشىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

  ■ ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش

  ئۇدا ئالتە يىل دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا قاتناشقان بەيدۇ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لى يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئالاقە تورىنىڭ ئۇ بارلىققا كەلگەن 50 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئالاقە تورى ئارقىلىق دۆلەت ۋە خەلققە بەخت يارىتىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، ئالاقە تورى كەسىپكارلىرىنى ئىلھاملاندۇردى. بىز بۇ ئارقىلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەشيالار تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى ئېچىپ بەردى. ئالاقە تورى ئەمدى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى». ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ يۈەنچىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: «ئەقلىي ئىقتىدار +»نىڭ ئەنئەنىۋى كەسپلەرگە ئېنېرگىيە بېرىشى ئارقىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئەقلىيلاشقان ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ