جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا بولمايدۇ

− ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىغا باھا

2019.10.17 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا ۋاقتى 15-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان «2019-يىلىدىكى شياڭگاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەسى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شياڭگاڭنىڭ «ئالاھىدە تەمىناتى»نى ساقلاپ قېلىش- قالماسلىقنى قارار قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ھەر يىلى «شياڭگاڭنىڭ ئاپتونومىيە ھالىتىنى ئېتىراپ قىلىش»نى تەلەپ قىلىپ، يەنە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى. بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى پاكىتقا پىسەنت قىلماي، ھەق-ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، شياڭگاڭدىكى زوراۋان ئۇنسۇرلارغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق يانتاياق بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، بۇ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنى دەستەك قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشتەك سىياسىي سۇيىقەستىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 22 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى گۈللەنگەن، مۇقىم بولدى، بۇ ئاداۋىتى يوق ھەرقانداق ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان ئوبيېكتىپ پاكىت. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپلىق قىلىپ، ئاساسىي پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلىپ، قاراپلا يالغان گەپ قىلىپ، ئىنسانىي ھوقۇق، دېموكراتىيە نامى بىلەن زومىگەرلىك قىلىپ ئارىلاشتى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى قانۇنلىرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، بۇ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىگە ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، «ئامېرىكىچە زومىگەرلىك» ۋە قوش ئۆلچەمنىڭ ئەپت-بەشىرىسىنى ئاشكارىلىغانلىق. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ