مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۇتۇش لازىم

−− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2019.10.08 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش − ماركسىزمنىڭ جەۋھىرى، بىز كوممۇنىستلارنىڭ مۇھىم پىكىر قىلىش ئۇسۇلى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئىككىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە چېتىلىدىغان ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسى كەڭ، تۈرى كۆپ، سانى كۆپ، ئەھۋالى مۇرەككەپ. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەندە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: «تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، شەكىلۋازلىقتىن، بيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىشىكنى ئېچىپ مائارىپنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئامما ئەڭ جىددىي قارىغان، ئەن ئەنسىرەۋاتقان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى.

  مەركەز باش تېما تەربىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بېسىپ تارقاتقان «ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش› باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» دە: ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ