مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش لازىم

2019.09.16 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» ۋە يېڭىدىن تۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. جايلار، تارماقلار «نىزام» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى ئۈچ نىزامنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت تۈپ سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت نىزام، تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختىلاشنى پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى تۈزۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش، ئىجرا قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە «ئىككىنى قوغداش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى، ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بىر قەدەر پىشقان، ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىنىدىغان تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈم-بەلگىلىمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى مۇناسىپ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان بەزى چوڭقۇر زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام، تۈزۈملەرنى تولۇقلاپ، تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ