مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زوراۋانلىقتىن بىز نېمىنى بايقىدۇق ؟

2019.08.15 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ۋە 14- چېسلا سەھەردە، شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋەقە يۈز بەردى: قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بىر قىسىم رادىكال زوراۋان ئۇنسۇرلار زىيارەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان «جاھان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ قارمىقىدىكى جاھان تورىنىڭ مۇخبىرى فۇ گوخاۋنى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن يەنە بىر يولۇچىنى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا قانۇنسىز قاماپ قويۇپ، قورشىۋېلىپ خورلىدى. بىز بۇنداق زوراۋانلىقنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز! بىز شياڭگاڭ ساقچىلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلىپ ۋە قاتتىق يۈرگۈزۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالىشىنى قەتئىي قوللايمىز !

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كىشىلەرگە شياڭگاڭنىڭ ئاتالمىش «تىنچلىق نامايىشى»نىڭ ئەسلىي ئەپتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شياڭگاڭ قانۇن كېڭىشىگە زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ۋە چېقىپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنى قورشىۋېلىپ، زەھەرلىك خىمىيەلىك پاراشوك، بېنزىن بومبىسى قاتارلىق خەتەرلىك قوراللار بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەخسىي مال-مۈلۈكنى خالىغانچە چېقىپ، جامائەت ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىترو، ئايرودروم قاتارلىق ئاممىۋى قاتناشنى قەستەن پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئايرودرومدا يولۇچىلارنى ھاقارەتلەپ ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. ھەتتا بىمارلار، ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن. . . نامايىشچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، تەسىر دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، لېكىن، قانۇن ئىدارە قىلىشنى دەپسەندە قىلىشتەك زوراۋانلىق قىلمىشى «تىنچلىق نامايىشى»دەپ پەردازلاندى؛ ئەكسىچە، شياڭگاڭ ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە تەرتىپنى ساقلاشتىكى يوللۇق ھەرىكىتى «قوراللىق باستۇرۇش»دەپ تۆھمەت قىلىندى. بۇنداق ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىش، قانداقمۇ ئەل-جامائەتنىڭ لەنىتىگە قالماي قالىدۇ؟

  شياڭگاڭ ئۆكتىچىلىرى ئەزەلدىن «ئاخبارات ئەركىنلىكى» ۋە «سۆز ئەركىنلىكى»نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى، لېكىن، جاھان تورى مۇخبىرلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۇلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىدى: بۇ خىل ئەركىنلىك پەقەت «قىزىقىشى ئوخشاش» تاراتقۇلارغىلا بېرىلدى، ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز چىقىرىدىغان تاراتقۇلار بۇنداق ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىدى، ھەتتا زورلۇق كۈچ بىلەن بىرلىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. نىزامغا قارشى تۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، نورمال زىيارەت قىلىشقا يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ، توردا مۇخبىرلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى تېپىپ، مەيدانى ئوخشاش بولمىغان مۇخبىرلارنى ئۇرۇپ، ھەتتا «ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىغا زىيان سالىمىز» دەپ تەھدىت سالدى . . . رادىكال ئۆكتىچىلەر بىر تەرەپتىن ئوخشىمىغان پىكىردىكى تاراتقۇلارنى باستۇرۇپ، تاراتقۇلار ساھەسىدە «قارا تېررورلۇق» پەيدا قىلدى، بىر تەرەپتىن «قانۇنغا خىلاپ ئادالەت»، «زوراۋانلىق قىلغاندىلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ» دەپ بارلىق كۈچى بىلەن داۋراڭ سېلىپ، شياڭگاڭ ياشلىرىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جامائەت پىكرى ئارقىلىق شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسىنى سىياسىي تالاش-تارتىشقا سۆرەپ كىرىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار «ئاخبارات ئەركىنلىكى» دېگەن نام بىلەن «جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى قالايمىغانلاشتۇرۇش»تەك ھىلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سالماقچى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ