مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى «تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش» توغرىسىدا

2019.08.13 09:52 مەنبە: خەلق تورى

  كىرىش سۆز

  «ئەگەر ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنماي قالغانلار ھەتتا بىرەر ئائىلە، بىرەر ئۆيلۈك، ھەتتا بىرەر ئادەم بولسىمۇ، ئۇنداقلار بولسىلا، بىز جەزمەن خاتىرجەم بولالمايمىز . . . »

  تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى ھەم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ھەم تەرەققىيات مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ ھەممە ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

  «ئۆي قورۇماسلىق»تىن تارتىپ ئۆي-زېمىننى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىغىچە، تۇرالغۇ كاپالىتىدىن تارتىپ تەمىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغىچە، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەشتىن كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىشكىچە . . . پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقرالارنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر «ئومۇمىي خەلقنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى بىر قوللۇق ئىلگىرى سۈردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى بويلاپ قايتا زىيارەت قىلىش جەريانىدا، پۇقرالارنىڭ «ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئەمىن تاپقۇزۇپ ماكانلاشتۇرۇش» دەپ جىلۋە ئەتكەن ۋە كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى، ئۇلارنىڭ «يېڭى»دىن چىقىش قىلىپ، ئىككى قولى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  بىرىنچى ھېكايە

  «ئاسمانغا تايىنىپ جان باقىدىغان» تۇزۇلار يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى كەسىپ باشلىدى

  خۇشپۇراق ھىدى بار قويۇق ھاراق پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلدى. چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 50- بازار بەنيەن كەنتىدە 55 ياشلىق لۈ يۇجىن ئۆيىدە توك بىلەن ئىسسىتىلىدىغان كاڭدىكى بىر نەچچە تۇڭ ھاراقنىڭ ئېچىتىش ئەھۋالىنى كۆردى.

  لۈ يۇجىن ئائىلىسىدىكى يەتتە-سەككىز ئېغىز ئۆي ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ئاساسىي لىمنىڭ ھەممىسىگە شۇ جايدا كەڭ تارقالغان ياغاچ ئويما سىر ھۈنەر-سەنئىتى قوللىنىلغان. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىدە جەمەتى بويىچە مىراس بولۇپ كەلگەن ھاراق ئېچىتىش ھۈنىرى بىلەن ھاراق ئېچىتىدىغان ئائىلە كارخانىسى قۇردى.

  ئاشخانىدا ھاراق ئېچىتىدىغان ئارپا، ئاساسىي ئۆيگە ئون نەچچە كۇپ ھاراق تىزىقلىق تۇراتتى. دېرىزە سىرتىدا، تۆت پۇڭ ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغا تۇزۇلار قەدىرلەيدىغان سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

  ۋاقىت كەينىگە يېنىپ 2016- يىلى 8- ئايغا كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەنيەن كەنتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى تۇرالغۇسىغا كىرىپ، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. لۈ يۇجىننىڭ ئېنىق ئېسىدە، ئۇ كۈنى باش شۇجى ليۇ يۈجىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىلگىرى ئولتۇراقلاشقان كونا كەنت ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىسقا سىننى كۆردى.

  «ئون يىلنىڭ توققۇزىدا قۇرغاقچىلىق بولۇپ، ئاسمانغا تايىنىپ جان باقاتتى». باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، لۈ يۇجىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ليۇپەنشەن تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوندىكى ناۋشەن رايونىدا تۇراتتى. گەمە سۈيى ئىچەتتى، تاغ يولىدا ماڭاتتى، يەتتە كىلومېتىر ئېگىز-پەس توپا يول ئۇنى ۋە يۇرتداشلارنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تاغدىن چىقالماس قىلىپ قويدى.

  «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەردەك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق سىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى لۈ يۇجىننىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  ياخشى كۈنلەر راستىنلا كەلدى! لۈ يوۋجىن ئائىلە ھاراق ئېچىتىش دۇكىنى ئاچقان تۇنجى يىلىلا 30 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى.

  «ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈكسەلدۈرۈش، تۇرمۇشتا مۇستەقىل بولۇش كېرەك» دېدى لۈ يۇجىن، «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، تەرەققىياتتا يەنە ئارقىدا قېلىشقا بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق، بېلىمىزمۇ قاتتىق بولدى.»

  يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، ئاپتوموبىل ئىشىك ئالدىغىچە ماڭالايدىغان بولدى. ئولتۇراق رايون بىلەن باقمىچىلىق رايونىنى ئايرىپ قۇرۇش، ھەر بىر ئائىلىگە سۇ ھاجەتخانىسى، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى ياسالدى، كەنتتە كۈنىگە 100 توننا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان پونكىت قۇرۇلدى، پاسكىنا سۇ قايتا ئاقمايدىغان، ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تۆكمەيدىغان بولدى.

  «بۇ پەسىل سودا كاسات پەسىلى. بىكار بولۇپ قالسام نەۋرە قىزىمغا قارايمەن.» مۇخبىر لۈ يۇجىننىڭ بارمىقى بىلەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ، قىز نەۋرىسىنىڭ ھۇجرىسىدىكى كاڭغا كىتاب قويۇلغانلىقىنى كۆردى، كاڭنىڭ يېنىغا كىچىك كىتاب ئۈستىلى قويۇلغان ئىدى. «ئۆيدىن كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكىچە، پىيادە 10 مىنۇتقا بارمايلا بارغىلى بولىدۇ، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ