مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جېجياڭ داچېنداۋدىكى پېشقەدەم بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئەۋلادلىرى:

يېڭى دەۋردىكى «بوزيەر ئاچقۇچىلار»دىن بولىمىز (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش ___ باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

مۇخبىرىمىز يۈ ۋېيلياڭ، سۈن چاۋ، فاڭ مىن

2019.08.09 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  60 يىل ئىلگىرى، بوۋا-موماڭلار يۇرتىدىن ئايرىلىپ، داچېن ئارىلىغا چىقىپ بوز يەر ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، قۇدرەت تېپىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك بوزيەر ئېچىش روھىنى يېتىلدۈرگەن. خۇددى سىلەر ئېيتقاندەك، ئۇلار ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر.

  سىلەرنىڭ بوۋا-مومىلىرىڭلاردىن ئۆگىنىپ پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ بىلىملىك، ئەخلاقلىق، ياراملىق يېڭى بىر ئەۋلاد بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ___ شى جىنپىڭ

  «شى بوۋام بىزگە جاۋاب خەت يېزىپتۇ !» 82 ياشلىق جاڭ چىيۈەن بىلەن خوتۇنى دەي جيېشۈ 63 يىل ئىلگىرى تۇنجى تۈركۈمدە داچېن ئارىلىغا چىقىپ بوز يەر ئاچقان ئەترەت ئەزاسى ئىدى، سەپداشلىرى ئارالدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ يەردە قېلىپ، توي قىلىپ ماكانلاشتى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئۈچ يىل بۇرۇن نەۋرىسى جاڭ جىڭيىنىڭ تېلېفوندا قىلغان سۆزىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدى.

  ئىككى چېكە چاچلىرى ئاقارغان بۇلارنىڭ ياشلىق باھارى ئارمانسىز ئىدى، جاڭ چىيۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ تۆلىگەن بەدىلىمىز ئەڭ ياخشى جاۋابقا ئېرىشتى.»

  پاراخوتقا ئولتۇرۇپ جېجياڭنىڭ تەيجۇ شەھىرىدىن 29 دېڭىز مىلى يۈرسە، داچېن ئارىلىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئارالدا دېڭىز شامىلى كۆتۈرۈلۈپ، دولقۇن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بوزيەردە گرانت تاشتىن ياسالغان بىر ئابىدە جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

  63 يىل ئىلگىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا، بىر تۈركۈم جېجياڭلىق ياشلار ئۆز ئالدىغا باتۇرلۇق بىلەن بۇ ئارالغا كەلگەن. يەر تېرىپ باقمىغان، چوشقىنى كۆرۈپ باقمىغان، كېمىگە ئولتۇرۇپ باقمىغان ياشلار ئوت-چۆپ ئورۇپ، قىغ توشۇپ، چوشقا بېقىپ، بېلىق تۇتقان، ھەممىنى باشتىن ئۆگەنگەن. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئىلگىرى قۇشلار قېلىشنى خالىمايدىغان قاقاس ئارال ھاياتىي كۈچكە تولغان.

  ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز «1-ئىيۇن» سوۋغىتى

  2006-يىلى 8-ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ داچېن ئارىلىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئارالدىكى پېشقەدەم بوزيەر ئۆزلەشتۈرگۈچى خادىملارنى يوقلىدى. 2010-يىلى 4-ئايدا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ لى شېڭيى، جاڭ چىيۈەن قاتارلىق 25 پېشقەدەم بوزيەر ئاچقۇچىغا جاۋاب خەت يازدى. 2016-يىلى «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، داچېن ئارىلىدىكى پېشقەدەم بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان تەيجۇ شەھىرى جياۋجياڭ رايونى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 12 ئوقۇغۇچىسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى تېزلا ئۇلارغا جاۋاب خەت يازدى.

  «بۇ بىزنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز <1-ئىيۇن> سوۋغىتىمىز، كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئالاھىدە بىرىنچى دەرس.» ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، 13 ياشلىق «بوزيەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادى» جاڭ جىڭيى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى، «ئىلگىرى <بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادى> دېگەن نام شان-شەرەپ ئىدى، ھازىر ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتتۇر. ئەگەر ئۆزىمىزمۇ ياخشى قىلالمىساق، نەدىمۇ باشقىلارغا بوزيەر ئېچىش روھىنى تەشۋىق قىلىش سالاھىيىتىمىز بولسۇن؟» ئۇسسۇل مەشىقىدە دائىم ئاغرىقتىن كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، ئۇ ئۆزىگە مەدەت بېرىدۇ، ئەينى يىلىدىكى بوۋا-مومىسىنىڭ بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش كەچۈرمىشلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇنچىلىك جاپا-مۇشەققەت قانچىلىك ئىدى؟

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ