مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغان

---جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى بابىنى يېزىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى توغرىسىدا

2019.08.06 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 3- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىلدا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا، ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتقا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىز ھەرگىز ئون يىل ۋە يۈز يىل بىلەن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى يۈز يىل، مىڭ يىل بىلەن ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپىۋىلىككە تولغان بۇ سۆزلەر چوڭقۇر تارىخىي نەزەر ۋە مەدەنىي نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىدۇ.

  يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس كۆپەيدى. قانداق قىلغاندا تىنچلىق ئوتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز بولۇش ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆزنى چاقنىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

  دەۋر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى. ئىنسانىيەتنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ، مەدەنىيلىكتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ، مەدەنىيلىك بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەدەنىيلىككە كۈچ قوشۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. بۇ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ پائال ئىزدىنىشىدۇر.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، سىرتتىن كەلگەن ھەر خىل مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ، سىغدۇرۇشچان بولۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «بۈيۈك بىرلىك» ئىدىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

  ئالدىنقى يېرىم يىللىق جۇڭگو دىپلوماتىيەسىگە نەزەر سالساق، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بابىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلدۇق. مەيلى ساھىبخانا مەيدان دىپلوماتىيەسى، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولسۇن، ياكى كۆپ تەرەپلىك سەھنە بولسۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قول سېلىپ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تەسىرلىك سەھىپىسىنى ئاچتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ