مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرايلى

__ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

2019.08.02 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتقاندىلا، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە بولغان تەھلىلىي ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى باش لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتەك ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ