مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو يەنىلا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ نەزىرىدە مەبلەغ سېلىشتىكى ياخشى ماكان (جۇڭگو ئىقتىسادى توغرىسىدا چوڭقۇر سۆھبەت)___

نۆۋەتتىكى تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش كېرەك ؟

خەلق گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ كې، يۈ سىنەن، شېن شاۋتيې، لو شەنشەن

2019.07.29 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەھەر سائەت 0دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى ۋولمارت جەنۇبىي جۇڭگو يېڭى-خام مەھسۇلاتلار مەركىزىدە قىزغىن مەنزىرە نامايان بولماقتا ئىدى: خىزمەتچى خادىملار تەرتىپلىك ھالدا مال تاللاش، مال قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بىر سائەتتىن كېيىن يېڭى كۆكتات قاچىلانغان سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى بەلگىلىگەن زەنجىرسىمان ۋولمارت دۇكانلارغا قاراپ يولغا چىقتى، ئىستېمالچىلار ئەتىگەندىلا بۇ كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. ۋولمارت زاكاس بويىچە ئىشلەنگەن لايىھەدىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنى سەپلەش-توشۇش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈرگە 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان.

  «تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان <كەسىپ مۇندەرىجىسى (2019-يىلى نەشرى)>دە ئادەتتىكى تاۋارلارنى ئورتاق سەپلەش-توشۇش، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئالاھىدە دورىلارنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سەپلەش-توشۇش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا مۇلازىمىتى بار بولۇپ، بۇ بىزنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» ۋولمارت جۇڭگو تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى ماكرېين يەنە مۇنداق دېدى: «كەلگۈسى 10 يىلدا، بىز جۇڭگوغا 8 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرىمىز ياكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز.»

  «جۇڭگونىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۆزگەرمەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ.» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

  نۆۋەتتە، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش كېرەك؟ تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى دۆلىتىمىزنىڭ مەبلەغ كىرگۈزۈشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتا داۋاملىق ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلدى.

  كۆلىمى «مۇقىم»، قۇرۇلمىسى «ئەلا»، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىشتا تولۇق ئىمكان بار

  شاڭخەيدە، يېڭى پىلان قانات يايدۇرۇلماقتا: 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بويىچە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليارد يۈەنگە يېقىن بولغان 38 تۈر ئارقا-ئارقىدىن بېكىتىلدى؛

  گۇاڭدۇڭدا يېڭى رېكورت بارلىققا كەلمەكتە: مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان يېڭىچە بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى پات ئارىدا قەد كۆتۈرىدۇ، بۇ، دۇنيا خىمىيە سانائىتى ماگناتى گېرمانىيە باسف شىركىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرى؛

  لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە، يېڭى ماگنىت كۈچى ھازىر بولماقتا: ياپونىيە-كورېيە چەت ئەل مەبلىغىدىكى 7693 كارخانا داليەندە يىلتىز تارتتى، 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 26 مىليارد 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەمەلىي مەبلەغ سېلىندى . . .

  دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار سېلىنمىنى بەس-بەستە كۆپەيتتى، جۇڭگو تاشقى مەبلەغدىن تولۇق پايدىلانماقتا.

  تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ