مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش

__ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.23 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى ئاچقۇچ مەسىلىلەرگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بولۇشتا.

  يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشقا قارىتا تۈزۈلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەشكە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى.

  مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىش، خاتالىقلارنى جاسارەت بىلەن تۈزەش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەسىلىنى كۆزىتىشنى ئاچقۇچ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا زىت تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە تەلتۆكۈس ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق ھەل قىلىشتۇر. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن باشلاپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتىكى بىر مۇھىم تۇتقا. مەخسۇس تۈزەش پارتىيەمىزنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم چارىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى قالايمىقان سېلىش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى – كېيىن مەخسۇس تۈزەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە – ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەخسۇس تۈزەش گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ياخشىلىقى كىرىش ئېغىزىنىڭ كىچىك، كۈچىنىڭ توغرا، ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدا.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ