7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا مەھەللە، ئورمانچىلىق مەيدانى، يېزا، ئالىي مەكتەپ، ئورگان، ئورۇنلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەق مەيداندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
17-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
◆ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى
16-ئىيۇل كەچتە، چىفېڭ شەھىرى سۇڭشەن رايونى شىڭئەن كوچىسى لىنخۇاڭ مەھەللىسىنىڭ ئىش بېجىرىش زالىدا، شىڭئەن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن مىڭتاۋ مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆردى. سۈن مىڭتاۋ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، بىزنى ئىلھاملاندۇردى. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەھەللىنى ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭ ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى مەھەللە مۇھىتىنى پائال يارىتىشىمىز كېرەك».
خۇلۇنبىر شەھىرىدىكى چېنبارخۇ خوشۇنىدا ئولتۇرۇشلۇق شيا مىنشەن ئائىلىسى خۇيزۇ، خەنزۇ، موڭغۇل، داغۇر، ئېۋېنكې قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى. شيا مىنشەن مۇخبىرغا: «بىزنىڭ بۇ يەردە، قوشنا مىللەتلەر ئارا ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، خۇددى باش شۇجى تەلەپ قىلغاندەك، ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى»، دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدا كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، بارلىق خادىملار قاتنىشىدىغان، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندى.
چىفېڭنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولۇپ، قىزىلتاغ مەدەنىيىتى، قىتان لياۋ مەدەنىيىتى، موڭغۇل يۈەن مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەتكە ئىگە. چىفېڭ مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى چىن بو مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ چىفېڭ مۇزېيىغا كېلىشى بىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېي خىزمەتچىلىرىنى خۇشال قىلدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن تارىخىي مەدەنىيىتى دەل بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى