باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ئىجازەتنى كېڭەيتىش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش

ئېلىمىزنىڭ سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى

مۇخبىرىمىز ۋۇ چيۇيۈ، شۈ جىفېڭ

2019.07.15 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سائەت 17 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىدىكى مەلۇم يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خانىم «كارخانىنى تىزىملاش e كۆزنەك خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق «كىنىشكا ئېلىش ۋە ھەقسىز تامغا ئويدۇرۇش» ئىلتىماسىنى تاپشۇردى. سائەت 18 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ خانىم تەستىقلانغان قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى. «ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، پەقەت يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا پۈتتى».

  «بىر كۈندىلا كىنىشكا ۋە تالوننى ئالالايدۇ.» دۇڭچېڭ رايونلۇق بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن فېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بېيجىڭدا كارخانا ئېچىش ئۈچۈن بەش خىزمەت كۈنى كېتەتتى، ھازىر پەقەت بىر خىزمەت كۈنىلا كېتىدۇ.

  «سودا مۇھىتىنى پەقەت تېخىمۇ ياخشى دەيمىز، ئەڭ ياخشى دېمەيمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك تۈزۈلمە، مېخانىزم مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تېز مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك.

  بۇ يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز خەلقئارالىشىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، قولايلىق بولۇش بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.

  _ _ مۇلازىمەت ئەلالىشىپ ، مەمۇرىي تەستىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولدى.

  تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىدە «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى» چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، كارخانا قۇرۇش، سۇ، توك ئىشلىتىشنى تىزىملاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىش ۋاقتى %50تىن ئارتۇق قىسقارتىلدى. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئۈنۈمى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، كارخانىلار تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تىجارەت قىلدى.

  _ _ باج ھەققى كېمەيتىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تولۇق بولدى.

  باج كېمەيتىلىپ، مۆلچەر مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىرادە ئاشۇرۇلدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ رولى نەتىجىسىدە، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق باج مەنبەسى كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەشتىن توختاپ، ئېشىشقا باشلىغان، بۇلتۇر 4-پەسىلدىكى 121.16دىن بۇ يىل 1-پەسىلدىكى 125.23 نۇقتىغا كۆتۈرۈلگەن، بۇ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

  ‐ ‐ ئىجازەت كەڭ قويۇۋېتىلىپ، بازار مۇھىتى تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولدى.

  تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە تاشقى مەبلەغ بازىرى ئىجازىتى كېڭەيتىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا خەلقئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇلدى . . . ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى ئېچىلىپ، جۇڭگو بازىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مەبلەغ سېلىش قىزىق زېمىنىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىش قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.3 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.8 كە يەتتى.

  − قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچەيتىلىپ، تىجارەت مۆلچەرى تېخىمۇ مۇقىم، ياخشى بولدى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىدۇ. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. ئۇنىڭدا «ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تېخنىكا مۇھاپىزىتى، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلىگە تىزىملىك قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر