باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.12 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش ھەم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى بولسا، پارتىيەمىزنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرىدۇر.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ۋە توغرا ئىگىلەش شەرت. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىلىش نەزەرىيەسى يۈكسەكلىكى ۋە مېتودولوگىيە نۇقتىسىدىن، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «بەش جۈپ مۇناسىۋەت»نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى ئىلمىي قىبلىنامە بىلەن تەمىنلىدى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بولسا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تېما بولۇپ، بۇنىڭدا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشقا روشەن ھالدىكى دەۋر مەزمۇنى يۈكلەنگەن. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ قالغىلى، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى، پارتىيەمىزنى باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە رەھبەرلىكىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ ئۈچۈن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىشىلەرگە قانۇنىيەتنى ئىگە قىلدۇرۇپ ۋە ئىجادچانلىققا باي قىلدۇرۇپ، سۈپەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇنى باشتىن-ئاخىر ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك .

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر