باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىش كېرەك

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.11 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى زور سىياسىي نەتىجىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىسى، ھەمدە پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىدۇر.

  باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپىسى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغاندىلا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتىدىكى روشەن ئەسلى قىياپىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانىڭ بىرلىشىشى جەھەتتە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، ھەمدە «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى بىرىنچى سەپ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نوقۇل كەسپىي ئورگان ئەمەس، ھەممىسى روشەن سىياسىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. شۇڭا، سىياسىي ئورگان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە بىرىنچى قوللار خىزمەت ئىشلىگەندە، ئالدى بىلەن ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن-نىزامغا توغرىلىنىپ،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن-نىزامغا توغرىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداننى چىڭىتىپ، سىياسىي پوزىتسىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دائىم پەرقلەرنى توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئۆز پېتى بېجىرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر