باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە بولۇش كېرەك

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.10 11:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بولسا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئەڭ بىۋاسىتە بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى، ھەتتا باشقا ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم يۆنىلىش رولىغا ئىگە.

  "مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا چوقۇم ئالدىدا مېڭىشى ۋە ئۈلگە بولۇشى كېرەك، بۇنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى بەلگىلەيدۇ."،"پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئۇنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ چىڭىتىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك."، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ, يېڭى ۋەزىيەتتە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى بۇرچى، ۋەزىپىلىرى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋەئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىشى پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بولدى. پارتىيەمىز ئەزەلدىن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 1922- يىلى پارتىيەنىڭ 2- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىدە: "ئورگان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۈچتىن بەشكىچە پارتىيە ئەزاسى بولسا بىر گۇرۇپپا قۇرۇلىدۇ." دەپ بەلگىلەنگەن. پارتىيەمىز قۇرۇلغان 98 يىلدىن بۇيان، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، پارتىيەمىز مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويدى. پارتىيە تارىخى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تارىخىنىڭ تەرەققىياتى شۇنى كۆرسەتتىكى، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرۇشى، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئورۇندىيالىشىدا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىن ئايرىلالمايدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن بىر سىياسىي ئورگان. شۇڭا، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولغاندىلا، ئاندىن ئۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بىز ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر