باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجە – ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.09 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ دائىرىسىدە پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك جەڭ.

  «ئاپپارات ئىسلاھاتى ياراتقان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجە – ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك». پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدا ئېرىشكەن مۇھىم، زور نەتىجە – ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

  پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلىنىپ، 2020 – يىلىغىچە بولغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، لۇشيەن خەرىتىسى پىلانلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەش، ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى پۈتۈنلەي يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مىسلىسىز كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات ئاساسىي رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئالدىمىزغا قويۇلغان قاتتىق ۋەزىپە. ھازىر 2020 – يىلىدىكى مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پەقەت بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىلا، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر