باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.08 20:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق مەركەزلىك ھەرىكەت، ئۇنىڭ نىشانى سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ھەرىكەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا قۇرۇش، ئاپپاراتلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت <يۈزەكى> مەسىلىسىنىلا ھەل قىلىدۇ، ھەقىقىي خىمىيەلىك رېئاكسىيەنىڭ <يۈز بېرىشى> ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، سۆزنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ماس قەدەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تايانچ نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپارات مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاشنى تۈزۈم، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى؛ سەرخىللاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ كۆزلىمە نىشانغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تەشكىلىي ئاپپاراتلاردىن پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر