باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاچقۇچلۇق «ماتور»نىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى (جۇڭگو ئىقتىسادىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش) (4)

--نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش كېرەك؟

2019.07.08 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5Gكەلدى!

  6- ئاينىڭ 6- كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تۆت كارخانىغا 5G نومۇر تاختىسى تارقاتتى؛ 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 50مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىت قۇرۇلىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنى 5G سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  سانائەت ئالاقە تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش . . . نۇرغۇن كارخانىلار 5G سودا پۇرسىتىنى نىشانلاپ، مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرلەپ ھېسابلىشىچە، ئاساسىي پونكىت قۇرۇشتىلا، 5Gغا مەبلەغ سېلىشتا تەخمىنەن 4Gنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، 5G ئېلىمىزگە تەخمىنەن بىر تىرىليون 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  مەبلەغ سېلىش، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئۆزگەرگۈچى مىقدار. سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاشتىكى مۇھىم تىرەك. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ۋاقتىدا تەدبىر بەلگىلەپ، مەبلەغ سېلىشتىكى بىر قاتار مۇقىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مۇقىم ھالدا %5.6 ئاشتى، مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى.

  ئوتتەك قىزىق ئاپتاپتا دېڭىز دولقۇنلىرى ئۆركەشلەپ تۇرماقتا، تومۇزدىكى جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزى بەك قىزىپ كەتتى-- تۇنېل، ئارال، كۆۋرۈك، يەر ئاستى ئالاقىسى بىر گەۋدە قىلىنغان شېنجېن-جۇڭشەن يولى قۇرۇلۇشى ئەۋجىگە چىقتى. 44 مىليارد 690 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شېنجېن-جۇڭشەن يولى شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى سەھنىسىدىكى يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشقا ئايلىنىدۇ.

  يەر شەكلى خەتەرلىك، ھەمدە خەتەرلىك تاغ جىنسلىرى ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ، تار داتېڭشيا قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا--گۇاڭشىدىكى داتېڭشيا سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى مۇشۇ يىل ئىچىدە دەريا ئېقىنىنى توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.17 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى 6 مىليارد كىلوۋات سائەت توك تارقىتىپلا قالماي، يەنە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنىڭ سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

  بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى كۆپ يىلغىچە تېز سۈرئەتتە ئاشقاندىن كېيىن كۆرۈلگەن تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئېلىمىز يەرلىكنىڭ مەخسۇس قەرز تارقىتىش سۈرئىتى ۋە تۈرلەرنى تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى.

  ئېشىش سۈرئىتى مۇقىملاشتى، قۇرۇلمىمۇ ياخشىلاندى. ئىلگىرىكىدەك «يوغان سۇ بىلەن باستۇرۇپ سۇغىرىش»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش»نى مەقسەت قىلىش كېرەك-- ئېلىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تۆمۈريول، تاشيول ۋە سۇ تىرانسپورتى، ئايرودۇرۇم، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئىجتىمائىي، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق توققۇز چوڭ ساھەگە نۇقتىلىق يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشىش ۋە ئۇنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى كەسىپ ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جاۋيۈەن مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ سېلىنمىلارنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ھالقىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

  

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر