باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

__ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.05 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم كۈچلۈك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇش، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىش، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقنى تۈزىتىش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا پايدىسىزلىكى ئىشنى قەتئىي تۈزىتىش، ئاخىرغىچە تۈزىتىش، بىر سېكۇنتمۇ كېچىكتۈرمەي تۈزىتىش كېرەك.بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغىمۇ 70 يىل بولدى. ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان تۈرلۈك خەتەرلەر ھەر ۋاقىت مەۋجۇت، ئەگەر قاتتىق ئالدىنى ئېلىنمىسا، ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ جۇغلانغان ناچار ئىدىيە، ناچار ئىستىلنى ئۆزگەرتىش تەسكە توختاپ، كىچىك مەسىلە چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ، كىچىك تۆشۈكچە چوڭ گۈمۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشنى ئاچقۇچ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، تەلتۆكۈس ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان، پارتىيە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈمگە ئېرىشىش، ئىدىيە سىياسىيدا تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك – دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش نىشانىغا يېتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  باش تېما تەربىيەسىنىڭ قانداق قانات يايدۇرۇلغانلىقىدا ئۈنۈمگە قاراش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت «تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دىققەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى، يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىلا تۈزىتىپ، تۈزىتىشنى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئۆزگەرتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك» دەپ ئېنىق تەلەپ قىلدى. ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تېز تۈزىتىپ، ھازىر ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىرىغا ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە تەلەپ بېكىتىپ، ئۆز قەرەلىدە تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ۋاقىتلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغىنىنى چىڭ تۇتۇپ، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، باسقۇچلۇق نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىزچىل تۈزەتكەندىلا، ياخشى ئىستىل بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىش ئارقىلىق ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر