باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايمىز

2019.07.03 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان خۇشاللىق كۈن. لېكىن بىر قىسىم ئەسەبىي رادىكال كۈچلەر ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار نىزامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرۇپ، قانۇن كېڭىشى بىناسىغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلدى. بۇ شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلغانلىق.

  تۆمۈر كالتەك، تۆمۈر قەپەس ماشىنىسى بىلەن قانۇن كېڭىشى بىناسىنىڭ ئەينەك سىرتقى تېمىنى چېقىش، زەھەرلىك خىمىيىلىك پاراشوك بىلەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىپ، قانۇن كېڭىشى بىناسىغا زورلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، تەنتەنىلىك كېڭىشىش زالى ۋە ئالاھىدە رايون رايون گېربىنى خالىغانچە بۇزۇش... قانۇن ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلمايدىغان بۇنداق قىلمىشلار كىشىنى تولىمۇ چۆچىتىدۇ، ئازابلايدۇ، غەزەپلەندۈرىدۇ! بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت چىداپ تۇرمايدۇ. مەركىزىي كومىتېت باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈپ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  قانۇن ئىدارە قىلىش شياڭگاڭنىڭ تۈپ ئاساسلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ يادرولۇقى قىممىتى. شياڭگاڭ ۋە شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرى نامايان قىلىپ كەلگەن قانۇنغا بويسۇنۇش روھى ئىزچىل تەرىپلىنىپ كەلدى، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇلغىشىغا بولمايدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلارغا كەڭ قورساق بولۇش كېرەك، لېكىن بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قوللانسا بولىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا زورلۇق جىنايى ۋەقەلىرىگە يول قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. قانۇنغا چوقۇم ئەمەل قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. قانداقلا كىشىنىڭ قانداق سەۋەب كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانىكەن قانۇننىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى كېرەك. قانۇننىڭ نوپۇزى، قانۇننىڭ ئابرۇيىنى قوغدىغاندىلا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر