باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2019.07.01 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلاب قىلىشى، قۇرۇلۇش قىلىشى ۋە ئىسلاھاتنى تۇتۇشى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ رېئال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەرگىزمۇ كېمە ئاستىدىن تۆشۈك ئېچىپ تۇرۇپ دېڭىزدىن خەنجەر ئىزدەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، ھەم ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ تۇرۇپ كېمە ياساشقىمۇ بولمايدۇ، خام خىيال قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك.

  بۇ قېتىم پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ بىر يولى بولۇپ، ئۇنى بۇ باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش شەرت. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكىسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولسا، توغرا پىلانلاشنىڭ ئاساسى ۋە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسى بولسا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاشتۇر. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەقسىتى بولسا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى خەلق ئەھۋالىنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش توغرىسىدا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ۋە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشتىن ئىبارەت. مەركەز مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. پەقەت ھەقىقىي مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتچىلىقتىن قاتتىق ساقلانغاندىلا، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيىسىنى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش جەريانى، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر