باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، دەۋر دولقۇنىدا مەڭگۈ قەد كۆتۈرەيلى

_ _ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى ھارپىسىدا

2019.07.01 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  98 يىللىق كۈرەشتىن كېيىن، مىليونلىغان ئائىلە ھازىر يېڭى تۇرمۇشنى باشلىدى

  دەل مۇشۇنداق ئالاھىدە بولغان ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ 98 يىلدىن بېرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كىچىكلىكتىن چوڭىيىشقا، چوڭلۇقتىن كۈچىيىشكە قاراپ يېتەكلەپ، «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي مۆجىزە»نى يارىتىپ، مۇشۇ پارتىيە ۋە مۇشۇ بىر دۆلەتنىڭ ئارزۇسىنى، مۇشۇ بىر دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسىنى ۋە مىليونلىغان خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەرەققىيات سەھىپىسىنى ياراتتى.

  بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈندۇر.

  پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە چوقۇم باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت گۈللىنىش قىرغىقىغا قاراپ ماڭغاندا، باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ۋە تۈرلۈك بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ھەم ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ماركسىزملىق پارتىيە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

  مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، بېيىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، يەنئەن، يەنى جۇڭگو ئىنقىلابىغا ئۈمىد بېغىشلىغان بۇ مۇقەددەس جاي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بۇ زېمىن، مانا ئەمدى دۇنياغا مۇتلەق نامراتلىق بىلەن خوشلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، 2 مىليون 260 مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان كونا ئازاد رايون خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتەك يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  "سىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى سىمايىڭىزنى ھازىرقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، ئەمدى سىزنى تونۇيالمايۋاتىمەن، يەنئەن ئانا، سىز ئەمدى يېڭىچە كىيىنىپسىز."ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئىجاد قىلىنغان بۇ شائىرانە ئىبارىلەر، مانا ئەمدى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان رېئاللىق تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر مەزمۇنىغا ئىگە بولماقتا.

  " خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر." جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مانا بۇ جاراڭلىق قەسەم ساداسى بولسا،دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ھەققىدىكى ئەڭ جانلىق ۋە كۈچلۈك ئىزاھاتىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر