باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە يىغىلىپ يولغا چىققان جاي يۈدۇنى قايتا زىيارەت

ئىزلارنى بېسىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىش

2019.06.12 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھەررىر ئىلاۋىسى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتىمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. 85 يىل ئىلگىرى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە جياڭشىنىڭ يۈدۇ قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىپ، دۇنياغا مەشھۇر ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. 20 نەچچە كۈن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس يۈدۇغا بېرىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە چىققان خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيەنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ قايتا يولغا چىقىشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پۈتۈن پارتىيە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان پەيتتە، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر __ مۇخبىرلارنىڭ ئۇزۇن سەپەرنى قايتا مېڭىشى» سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، تەسىرلىك ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرىنى قېزىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق، ئىنقىلابىي تارىخنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي روھ ئارقىلىق كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  ئۇدا بىر نەچچە كۈن قاتتىق يامغۇر يېغىپ، جياڭشى يۈدۇ دەرياسىنىڭ سۈيى بارغانسېرى ئۆرلىگەنىدى، ئاپتوموبىل دۇجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، بەش مىنۇتتا دەريانىڭ ئۇ قېتىغا باردى.

  85 يىل ئىلگىرى، 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۈدۇ دەرياسىدا، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، توپتوغرا ئۈچ كۈچ دەريادىن ئۆتۈپ، يىراققا يۈرۈش قىلغان.

  تارىخ 85 يىل ھالقىدى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يۈدۇ دەرياسىنىڭ بىر بېشى تارىخقا، يەنە بىر بېشى ھازىرغا تۇتاشتى __ 1934 – يىلى 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ، جەنۇبتا يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانىدى.

  قەيەرگە بېرىش كېرەك؟ قانداق مېڭىش كېرەك؟ مەيلى جەڭچى ياكى ئامما بولسۇن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى، ئۇلاردا پەقەت پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت بىرلا ئېتىقاد بار ئىدى.

  ئەينى ۋاقىتتىكى يۈدۇ دەرياسى بويى جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتا مىغ – مىغ ئادەم بىلەن تولغانىدى، تېزراق لەيلىمە كۆۋرۈك ياساش ئۈچۈن، كىشىلەر ئىشىك، كارىۋات تاختىلىرىنى چىقاردى. يۇرتداشلار بىر تەرەپتىن قىزىل ئارمىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بىر تەرەپتىن تۇخۇم، نومى گۈرۈچى كومىلىچىنى جەڭچىلەرنىڭ يانچۇقىغا تىقىپ، ئۇزاققىچە ئايرىلغۇسى كەلمىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى قىزىل 1 – جۈنتۇەن 1 – شى 1 – تۇەننىڭ تۇنجاڭى ياڭ دېجى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ھاۋا ناھايىتى سوغۇق ئىدى، قارشى تەرەپتىكى پانۇس، مەشئەل يېقىپ قىزىل ئارمىيەنى ئۇزاتقىلى چىققان ئاممىغا قارىغىنىمىزدا، قەلبىمىز ئىختىيارسىز ئىللىقلىققا تولدى.

  تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا 380 قېتىمدىن ئارتۇق جەڭ قىلىپ، يىڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىردىن 430تىن ئارتۇق كىشى قۇربان بولغان، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشقىمۇ توشمايدىكەن. مۇزلۇقلارغا يامىشىپ، يايلاقلاردىن ئۆتۈپ، 18 چوڭ تاغدىن ئېشىپ، 24 چوڭ دەريادىن ھالقىپ ئۆتۈش... بۇ ئېگىلمەس – سۇنماس قوشۇننى بارلىق قىيىن مۈشكۈلاتلاردىن غالىب كېلىشكە ئىلھاملاندۇرغان زادى قانداق ئەسلىي مەقسەت ۋە ئېتىقاد؟

  يۈدۇ ناھىيە بازىرىدىن شەرققە قاراپ بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا دۇەنۋۇ يېزىسىنىڭ خەنشىن كەنتىگە بارغىلى بولىدۇ.شياۋ دۇڭياڭ بوۋاي سۇس قىزىل رەڭلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرىسىنى چىقىرىپ، بىر – بىرلەپ ۋاراقلىدى، ئەڭ كىچىكى 14 ياشتا بولۇپ، 1934 – يىلىدىن كېيىن خەۋىرى بولمىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا خەنشىن كەنتىدىن 100 كىشى ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، ئاخىردا پەقەت بىر كىشىلا قايتىپ كەلگەنىدى.

  بۇنداق ھېكايىلەر بەك كۆپ. زىيارەت داۋامىدا تەسىرلىنىپ، بەزىدە قەلەملىرىمىزنى قويۇپ ياشلىرىمىزنى سۈرتتۇق. يولغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، يۈدۇدىكى ئانىلار بالىلىرىنى، ئاياللار ئەرلىرىنى قىزىل ئارمىيەگە ئۇزۇتۇپ، بىر جايدىنلا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر كۈچى تولۇقلىدى؛ يۈدۇ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئاشلىقىنى تېجەپ، 1934 – يىلى 5 – ئايدىن 8 – ئايغىچە قىزىل ئارمىيەگە ياردەملىشىپ 79390 دەن ئاشلىق يىغىپ بەردى... دۇەنۋۇ يېزىسى ۋېيشاڭ كەنتى تۇڭلوۋەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى دۇەن جيۇچاڭ ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقانىدى.

  تۇڭلوۋەن، قىزىل 1 – جۈنتۇەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي، شۇنداقلا قىزىل 1 – جۈنتۇەننىڭ ئارمىيە ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي، دۇەن جيۇچاڭنىڭ تېلېگرامما بېرىش ئاپپاراتىنى يۈدۈپ يايلاقتىن ئۆتۈش ھېكايىسى ئون چاقىرىم يېقىن – يىراقتىكى ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر