باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاساسىي تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.06.03 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش ۋە ئاساسلىق ھالقىلارنى تۇتۇش كېرەك

  "ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش". «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى تەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئومۇمىي تەلەپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا بۇ قېتىمقى ئاساسىي تېما تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۇرۇلگەن، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىككە ئىگە.

  ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش دېگەنلىك، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى چىڭ ساقلاش؛ سەمىمىي خەلق ھېسسىياتى بىلەن دەسلەپكى مەقسەتنى قۇۋۋەتلەپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقتىن كەلگەنلىكىنى ۋە خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايە قىلىشى بىزنىڭ غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈگىمەس كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى چىڭ ساقلاش؛ خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ئېڭى بىلەن دەسلەپكى مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ھامان كوممۇنىستلارنىڭ كىيىم-كېچىكى، يېمەك-ئىچمىكى ۋە ئاتا-ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاش؛ كوممۇنىستلار خەلقنىڭ چاكىرى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالماسلىق، ئاممىغا سەل قارىماسلىق، ئاممىنىڭ دەردىگە سەل قارىماسلىق دېگەنلىك بولىدۇ.

  بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش دېگەنلىك، پارتىيەمىز زىممىسىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولۇپ، ئىلمىي ئىدىيە، ئۇزاق مۇددەتلىك نەزەر، ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق ئىشلارنى پىلانلاش؛ كۈرەش روھىنى ساقلاپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا دادىل يۈزلىنىپ، ئېغىرلىقنى بىلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادە ۋە شەخسىيەتسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى يېڭىش؛ ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبە ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيانى كۆرۈش جەريانىدا بەدەن ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش دېگەنلىك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر