باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەسىلىنى باشقىلارغا ئىتترىپ قويغاندىن كۆرە ئۆزىدىن ئىزدىگىنى تۈزۈك

2019.05.29 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دىققىتىنى باشقىلارغا قارىتىش، روشەنكى مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىگەنگە سېلىشتۇرغاندا ئاسان.» يېقىندا ئامېرىكا يالې داشۆسى جېكسون يەر شارى ئىشلىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ستېفېن روئېچ بىر ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ جۇڭگونى تەنقىد قىلغانلىقى پۈتۈنلەي خاتا بايان، بۇ كىشىلەرنىڭ قىلىقىنى تاشقى تەھدىدتكە قاراتقان ئىنكاس دېگەندىن كۆرە مەملىكەت ئىچىدىكى مەسلىنىڭ مەھسۇلاتى دېگەن تۈزۈك. ۋاشىنگىتون پاكىت، تەھلىل ۋە يەكۈن چىقىرىش جەھەتتە ئىنتايىن يېنىكلىك قىلدى.

  2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ: سودا پەقەت «سەۋەبچىلا» خالاس، ئامېرىكىنىڭ «سودا تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە» گىرىپتار بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب «مەملىكەت ئىچىدىكى پۇرسەتنىڭ يوقىشى ۋە جەمئىيەتتىكى يۆتكىلىشچان مەسىلە»، «ئامېرىكىدىكى تۆۋەن ماھارەتلىك پىشقەدەملەرنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە تۇتىشىدىغان پەلەمپىيى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدا»، «ئۇلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي سىياسەت ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى سىناپ باقماي»، بەلكى دۈشمەننى ئىزدەش ھەمدە بۇ سىياسىي ئويۇندا غەلبە قىلىش غەرىزىدە بولدى. روسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئولىشكىننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سودا ماجىراسىنى قوزغىشىدىكى سەۋەپ چەتئەلدىن دۈشمەن ئىزدەشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي دۈشمىنى دۆلەت ئىچىدە بولۇپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئۇزاق مۈددەتلىك قۇرۇلمىلىق مەسىلىسىكەن.

  ھەقىقەت ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنى «ئادىل بولمىغان سودا» ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى تارتىۋالدى دەپ قارىدى، ئامېرىكا سودىسىنىڭ پاسسىپ بالانىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەنبە دۆلەت بولغان جۇڭگو ئاساسلىق ئەيىبلەش ئوبېكىتىغا ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2001-يىلىدىن 2017-يىلغىچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا سوممىسى 4.4 ھەسسە ئاشقان ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.7 تىن %4.1 كە تۆۋەنلىگەن، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىشى تېز ئاشقان، ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەكسىچە داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەيىبلىگەن مال ئىمپورتى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىر بىرىنىڭ ئورنىنى دەسسەش مۇناسىۋىتى مەۋجۈت ئەمەس. 2017-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلغىچە، گەرچە ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇڭگودىن قىلغان ئىمپورتى ئومۇمىي جەھەتتىن %32.4 كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئالاقىدار خىزمەت پۇرسىتى ئەكسىچە %6.8 كۆپەيگەن.

  ستېفىن روئىچ ئېيتقاندەك ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ يەر شارىدىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىش ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولغان ئامېرىكىنى پەيدا قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسى دوكلاتى»، «دۆلەت مۇداپئە ئىستراتېگىيە دوكلاتى» «جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىياتى دوكلاتى» قاتارلىقلارنى كەينى- كەينىدىن ئېلان قىلدى. خەنجىرى جۇڭگوغا قارىتىلىپ، جۇڭگونى «ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتچىسى» قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇ خىل تەپپەككۈرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەندىشىسى ئەكس ئەتتى. باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەش ئارقىلىش ئىچكى زىددىيەتنى يۆتكەش-ئۆزى ئاغرىپ قالسا باشقىلارغا دورا يېگۈزگەنلىك. بۇنداق ئەخمىقانە ھەرىكەت ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئامېرىكىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە «ئاۋارچىلىق تۇغدۇرغۇچىغا» ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا «توقماقنى يىغىۋېلىش» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:«جۇڭگوغا قارىتىلغان سودا ماجىراسىدا ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئامېرىكىغا يېڭى ئىش ئورنى يارىتىپ بەرمەستىن، بەلكى يەر شارى ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زور يۈك پەيدا قىلدى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېقىندا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزلىمىسىنى تۆۋەنلىتىپ، سودا جىددىي ۋەزىيىتى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يۈك بولدى، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېشىشقا داۋاملىق تەھدىد پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىدى.

  جاھاندا قانداقمۇ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنى ھېسابات قىلدۇرىدىغان قائىدە بولسۇن؟ ئامېرىكا مەسىلىنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغاندىن كۆرە ئەكسىچە مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىگېنى تۈزۈك. ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشى ئۆز ئىناۋىتىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئۆز يولىنى ئۆزى توسىدۇ خالاس!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر