باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى ئۇزۇن سەپەردە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئاتلىنايلى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

2019.05.24 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 20-مايدىن 22-مايغىچە جياڭشى كونا ئىنقىلابىي رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانا، يېزا، ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلىرىغا بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئەينى يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ سوۋېت رايونىدا قان كېچىپ كۈرەش قىلىۋاتقان قاينام-تاشقىنلىق يىللىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، كۆپچىلىكنى قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەمىز ياراتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنتۇماسلىق، ئىنقىلابىي غايە ۋە ئىنقىلابىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىنقىلاب بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەكىتلىدى.

  جياڭشى قىزىل خاتىرىگە تولغان بىر پارچە قىزىل تۇپراق. كونا ئازاد رايونلاردىكى خەلق ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور قۇربان بەرگەن، غايەت زور تۆھپە قوشقان. ھازىر دۆلەت تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، بىز سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلىشىمىز، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تېخىمۇ مۇھىمى كونا ئازاد رايونلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش خىزمىتىنى چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كونا ئازاد رايونلاردىكى خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ھەممە ئىشنىڭ پۈتكەنلىكى ئەمەس، بەلكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشنى ياخشى قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ روھىي قىياپىتى، ياشاش مۇھىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، يۇرتداشلارنى كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان سەھرا تۇرمۇشىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  (تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر