باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

2019.05.22 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمەت نىزامى»نى تارقاتتى. بۇ «نىزام» ئەمدى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ۋە تەرتىپى قاتارلىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇلۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بۇ بولسا، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى بىر ئاساسىي غول قانۇن-نىزام بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىدۇر.

  پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بولسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇللۇق، تۈپ خاراكتېرلىك ۋە دائىملىق ۋەزىپىسى ۋە ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. پارتىيەمىز 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار چوڭ پارتىيە بولۇپ، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىدا، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ھۈجەيرىسىدۇر. پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ساغلام بولۇش ياكى ساغلام بولماسلىقى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيە ئەزالىرىغا قاراشلىقتۇر. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، نەتىجىدە، قاتتىق باشقۇرۇش كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، پارتىيەمىز چوقۇم ئۇلۇغ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ۋە ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېلىپ بېرىشتا، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم كاپالەت قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ساپاسى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ ۋە رولى گەۋدىلىك بولغان بىر پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر