مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

پارلاق ئاسىيا مەدەنىيىتى − دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل سەھىپىسىدۇر

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2019.05.16 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا ئىشلارنى بىرلىكتە قىلايلى!

  5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاسىيادىكى 47 دۆلەت ۋە بەش قىتئەدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ئاسىيا مەدەنىيلىكى سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئاسىيا ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملىدى. بۇ، ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنىڭ مۇھىم تارىخىي نۇقتىسى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تارىخىي پەيتىدۇر.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە چوڭقۇر نەزەر سېلىپ، ئاسىيا خەلقى ياراتقان شانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئاسىيا خەلقىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان ئاسىياغا بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشنىڭ تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سالاپىتىنى جاكارلاپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى.

  ئاسىيا − ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى، ئاسىيا خەلقى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە شانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى، ئاسىيادىكى ئەجدادلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى بۇرۇنلا باشلىغان. ئاسىيادىكى ئەجدادلار ئەۋلادمۇئەۋلاد يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى ئۇزاق تارىخقا، جۇغلانمىنى چوڭقۇر مەدەنىيەتكە ئايلاندۇردى. ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بۇ زېمىندا ئۆزئارا نۇر چېچىپ، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات داستانىنى ياراتتى. يىپەك يولى، چاي يولى، خۇش پۇراق ماتېرىياللار يولى قاتارلىق قەدىمىي سودا يوللىرى يىپەك، چاي، ساپال، خۇش پۇراق ماتېرىياللار، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق قاتارلىقلارنىڭ ئاسىيا ئەللىرىدە كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيادىكى ئەجدادلارنىڭ بېرىش-كېلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان مەدەنىي سۆھبىتىنى خاتىرىلىگەن.

  ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول»، «ئىككى كارىدور، بىر ئايلانما»، «ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى» قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئەلئارا ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئاسىيا مەدەنىيىتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى. بۈگۈنكى ئاسىيادا، كۆپ خىللىقنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا ئىنتايىن گەۋدىلىك، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان دىنلار توپلىنىپ قوشۇلۇپ، ئورتاق ھالدا رەڭگارەڭ ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنى تەشكىل قىلدى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا بىر-بىرىنى چاقنىتىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ