باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە ۋە ئومۇميۈزلۈك قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلايلى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

2019.04.18 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  "بۇ قېتىم مېنىڭ يۇرتداشلارنى مەخسۇس يوقلاپ كىلىشىمدىكى مەقسەت شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، نەق مەيدانغا كېلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ياكى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكىنى ۋە قانداق مەسىلىلەر بار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كېلەر يىلى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك، ھەمدە، "تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش كېرەك".

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنىدىن 17ـ كۈنىگىچە چۇڭچىڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تا كۆرۈلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى، ھەمدە «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تا كۆرۈلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيەمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تولۇق غەلىبە قىلماي، ھەرگىز چېكىنمەسلىك»تەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئىلھام بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداش كېرەك .

  «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ـ يېتەلمەسلىك يۇرتداشلارغا باغلىق، ھەم شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىگە باغلىق. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ بىرى قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ ۋە تەسىرى مىسلىسىز بولدى، ھەمدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نەتىجىدە، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدا يېڭى سەھىپە يارىتىلدى. لېكىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولۇشتەك بۇ خىل ۋەزىيەت ئالدىدا، ھەمدە ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى نامراتلار ئىچىدىكى نامراتلار ۋە غۇربەتچىلىك ئىچىدىكى غۇربەتچىلىك دېگەندەك ھەل قىلىش ناھايىتى تەس بولىدىغان چىش ئۆتمەس داڭ-داڭ سۈڭەك ھالىتىدىكى مەسىلىلەر ئالدىدا، پەقەت «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلۇشى ۋە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن ۋەزىپىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا، پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر