باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئاگاھ سېگنالىنى قايتا چالدى

2019.04.17 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈچتە، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. بۇ داڭلىق، يىلدا 13 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالىدىغان گوت ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش ئۇلۇغ ئوتتا كۆيۈپ، زور تۈركۈم فىرانسىيە خەلقى سېنا دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا تۇرۇپ بۇ ئەھۋالنى كۆردى، نۇرغۇن كىشىلەر ئازابلىق كۆز يېشى قىلدى.ئاساسىي قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ساقلىنىپ قالدى

  پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى باياناتچىسى مۇنداق دېدى: 15-ئاپرېل سائەت 18لەر ئەتراپىدا ئوت كېتىش ئەھۋالى بايقىلىپ، ئوت ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز يامرىدى. ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىدا قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ، ئوت ئۇچقۇنلىرى ھەر تەرەپكە چاچرىدى. كىشىنى ئەڭ بىئارام قىلغىنى مۇنارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋاقتى بولۇپ، نەق مەيداندىكى كىشىلەر ۋارقىراپ، كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى.

  فىرانسىيە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 16-ئاپرېل پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى مەيدانىدا قىسقىغىنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 16-ئاپرېل سائەت 10غىچە، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدىكى ئوتنىڭ تولۇق ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ساقلىنىپ قالغان، لېكىن مۇنارنىڭ ئۇچى ۋە 1000 كىۋادرات مېتىر ئۆينىڭ ئۆگزىسى كۆيۈپ كەتكەن. بىر قىسىم ئىچكى قۇرۇلمىلاردا يەنىلا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى باركەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى، فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىرلىكتە تىرىشىپ بۈۋى مەريەم چېركاۋىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى نېمىشقا ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئۇسۇلىدا ئوت ئۆچۈرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈردى، ئۇلار ئاساسلىقى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا سۇ قويۇپ بەرسە قۇرۇلۇشنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن.

  قايتىدىن قۇرۇشقا نەچچە ئون يىل كېتىدۇ

  ھازىر ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. پارىژ تەپتىش ئورگانلىرى قەستەن ئوت قويۇۋېتىش ئېھتىماللىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ تاساددىپىي يۈز بەرگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوت ئاپىتى پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ ئۆگزىسىدىكى توك يولىنىڭ قىسقا تۇتۇشۇپ قېلىشىدىن چىققان. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى رېمونت قىلىنىۋاتقان.

  پارىژ شەھەر باشلىقى ئاننې ئىدالگو مۇنداق دېدى: ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاچقا، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن سەنئەت بۇيۇملىرى ئاللىقاچان يۆتكىۋېتىلىپ، ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۈۋى مەريەم چېركاۋىدىكى ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى «ئەيسانىڭ تىكەن تاجى» ۋە «مۇقەددەس لۇئىسنىڭ تونى» قاتارلىقلارمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى.

  پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ئېرىك فىشېر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىنى قايتا قۇرۇشقا نەچچە ئون يىل كېتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر