باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

2019.04.15 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تىنچ چاغدا خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇماسلىق، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا ھالاكەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىدارە قىلغاندا قالايمىقانچىلىقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك». 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 4- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى. «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش»نى نەشر قىلىپ تارقىتىشتىن تارتىپ ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى «مىليونلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ بىرلىكتە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى دەرسى»نى ئوقۇشىغىچە، يەنە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىقاتىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقىچە جايلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 15- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەرىيەسىدە زور يېڭىلىق يارىتىشى، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى بولۇپ، زور دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا مېڭىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىش يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىنى تېپىپ چىقىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكتە خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. (تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر