باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىلگىرلەشلەرنى كۆزلەيلى

بېيجىڭ– تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقى

2019.02.26 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  "تارىخىي نۇقتىدىن سەۋرچان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، دادىل ھالدا يېڭىلىق يارىتىپ، ماھىرلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى." بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بېيجىڭ– تيەنجىن- خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  بۆيۈك يازما، زور ئەندىزە، ئۇلۇغ ئىستراتېگىيە. بەش يىل ئىلگىرىكى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندا، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەمدە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسا، دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ چوڭ ئۆزگىرىشى، زور تەرەققىياتى ۋە چوڭ ھالقىشىدەك تارىخىي بىر قەدەم باشلاندى. ئېگىزدىن بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىيابىناسى خۇددى «سۇمۇرغنىڭ قانات قېقىشى»دەك تۈستە كۆرۈنىدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ تۈزىتىلىشى ئارقىلىق، بەيياڭديەن ھازىر ئىسمى جىسمىغا لايىق ھالدىكى «شىمالىي جۇڭگو گۆھىرى»بولدى؛ تيەنجىن پورتىدا بولسا، كېمىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ...بەش يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانى پروگراممىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانى قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم ھۆججەتلەر ئارقا-ئارقىدىن بېسىپ تارقىتىلدى، مانا ھازىر «رېلىستىكى بۇ پاراۋۇز، يەنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي» تېز سۈرئەتتە يۈرۈمەكتە، يەنى تەرەققىي قىلماقتا؛ «كۆك ئاسمان ئاستىدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي» مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تىرىشماقتا؛ «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي» يەنىلا تەرەققىيات ئۈستىدە داۋاملىق ھالدا چوڭقۇر ئىزدەنمەكتە. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يېتەكلەپ ماڭغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرەشلەر، ھازىر دۆلەتنىڭ رايونلار تەرەققىياتى لايىھەسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە، ھەمدە يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر